«ئى ش ئى د»نىڭ خەلىپىسى ئۆزىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى جاكارلىدى

باغدادى: «يالغۇز بىرلا ئەسكەر قالغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ چەڭچىلىرىمىز ھەرگىز ئۇرۇشتىن چېكىنمەيدۇ» دېدى.

190578
«ئى ش ئى د»نىڭ خەلىپىسى  ئۆزىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باغدادى: «مەن تېخى ئۆلمىدىم» دېدى
«ئى ش ئى د»نىڭ رەھبىرى ئەبۇ بەكىر باغدادى ئالدىنقى ھەپتە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە چىققان خەۋەرلەردىن كېيىن بىر ئاۋاز لېنتىسىنى ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۆلمىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
«گەرچە كاپىرلار خالىمىسمۇ» دېگەن ئىسىم بىلەن ئېلان قىلىنغان 17 مېنۇتلۇق ئاۋاز لىنتىسىدا باغدادى «يالغۇز بىرلا ئەسكەر قالغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ چەڭچىلىرىمىز ھەرگىز ئۇرۇشتىن چېكىنمەيدۇ» دېدى.
باغدادى يەنە بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىلەمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
باغدادى لىۋىيە، مىسىر ۋە يەمەندىكى بەزى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ «ئى ش ئى د»گە قېتىلىپ كەتكەنلىكىنلىرىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، خەلىپىلىك تېروتورىيەسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە سەئۇدىي ئەرەبىستانغا ھۇجۇم قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.
بۇ ئارىلىقتا ئوباما ھۆكۈمىتى ئىنسانلارنى قىيىن - قىستاققا ئالىدىغان دۆلەت ۋە تەشكىتلاتلار بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتىپاقداش بولۇشىنى مەنئىي قىلىدىغان قانۇن تەكلىپىنىڭ «ئى ش ئى د»غا ئالاقىدار قىسمىنى بىر ئاز يۇمشۇتۇش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چۇك ھاگېل ئامېرىكا پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە، «رايوندا گۇناھسىز ئىتتىپاقداشنى تېپىش ئىنتايىن قېيىن، شۇڭا «ئى ش ئى د» غا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىنسانلارنى قىيىن - قىستاققا ئالغانلىقى سەۋەبىدىن مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزۋەتمەسلىكىمىز لازىم» دېدى.
چۇك ھاگېل، ۋاشىنگىتوننىڭ سۈرىيەگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خەۋەرلەرنى يالغانغا چىقاردى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىراق ھۆكۈمىتى «ئى ش ئى د»غا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان سۇننى قەبىلىلەرگە قورال تارقىتىشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر