فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

189882
فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى.
فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق رايونى بەرپا قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستا 200 بىنالىق يېڭى ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش قارارىنىڭ، «ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم باسقۇچىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى» قەيت قىلىندى. باياناتتا، تىنچلىق باسقۇچىغا قايتا زىيانغا ئۇچرىتىش ۋە سۈركىلىشنى يەنىمۇ ئەۋىج ئالدۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەنىڭ قارارىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى تەلەپ قىلىندى. فىرانسىيە ئالدىنقى ھەپتىلەردىمۇ پەلەستىننى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيالىست پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى مەقسىتىدە پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغان قارارنامە، 28 – نويابىر كۈنى ئاۋازغا قويۇلىدۇ. قارارنامىدە، ھۆكۈمەت پەلەستىننى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىنماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئاۋازغا قويۇش سىمۋوللۇق بولۇپ، پارلامېنت بىلەن پالاتا قارارنامىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە، بۇنىڭدىن كېيىن فىرانسىيەدە دۆلەتلەرنى ئېتىراپ قىلىش – قىلماسلىق ھوقۇقى ھۆكۈمەتكە بېرىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر