ئوباما بىرمانى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما: «مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان پوزىتسىيە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېدى.

189121
ئوباما بىرمانى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باراك ئوباما بىرمادىكى مۇسۇلمانلار ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، بىرمادىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىق ۋە ناچار مۇئامىلىگە دۇچ كېلىۋاتقان روھىنگالىقلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ بىرما زىيارىتىدە ئىسلاھاتتا «كەينىگە قەدەم ئېتىش» قا قارشى ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى. ئۇ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، ھاياتى، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.
كۆزەتكۈچىلەر، باراك ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى بىرما زىيارىتىدە قىلغان سۆزىنىڭ 2012 – يىلى قىلغان سۆزىگە ئوخشىمايدىغانلىقى ئەسكەرتمەكتە. باراك ئوباما 2012 – يىلى بىرما ھۆكۈمىتىنى ماختىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر