گېرمانىيەدە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا تۈرك دېموكراتلىرى بىرلىكىنىڭ بېرلىن ياشلار ئۇيۇشمىسى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

188469
گېرمانىيەدە  ئىسرائىلىيەگە قارشى  نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا تۈرك دېموكراتلىرى بىرلىكىنىڭ بېرلىن ياشلار ئۇيۇشمىسى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەسجىدى ئەقسا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشتا ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە سېلىۋاتقان زۇلمىنىڭ بارغانسېرى ئەۋىج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بىريۇسسېل، پارىژ، لوندون، سىتوكھولىم، سىيۇرىخ ۋە لاھەي قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئادرېسلىرىنىڭ بىرى گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن ئىدى.
تۈرك دېموكراتلىرى بىرلىكىنىڭ بېرلىن ياشلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بېرلىندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان نامايىشتا، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە پەلەستىنلىكلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇم – سىتەملىرى قاتتىق ئەيىبلەندى.
نامايىشتا، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بۇنداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە «توختاپ تۇر» دېيىشى لازىملىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر