بەششار ئەسەد راستاننى ۋارىل بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تىك ئۇچارلىرى راستان ناھىيەسىنى ۋارىل بومبىسى بىلەن قاتتىق بومباردىمان قىلدى.

188674
بەششار ئەسەد راستاننى ۋارىل بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ۋارىل بومبىسى بىلەن قىلىنغان بومباردىماندا بىر كىچىك بالا ۋە بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 24 ئادەم يارىلاندى. بومباردىمان قىلىنغان رايوندا ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ بار بولۇشى، ئۆلۈم – يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە بەزى جەسەتلەرنىڭ كۆيۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. بومباردىماندىن كېيىن، مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلغان بەششار ئەسەد قىسىملىرى، رايونغا قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ جەرياندا مەكتەپلەردە دەرس ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قېچىشقا باشلىدى ۋە بىر ئوقۇغۇچى ئېغىر يارىلاندى. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
راستان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھۇمۇسنىڭ ئەتراپىدىكى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن ناھىيەلەردىن بىرى. بىر ھەپتە بۇرۇن بەششار ئەسەدنىڭ راستانغا قىلغان ھۇجۇمىدا 16 ئادەم ئۆلگەن ۋە 10 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر