ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ۋەزىيەت يەنە كەسكىنلىشىپ كەتتى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملار ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.

180551
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ۋەزىيەت يەنە كەسكىنلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونلىرىدا، رۇس تەرەپدارلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى.
سايلامنى «بىمەنىلىك» دەپ تەرىپلىگەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكونىڭ، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پېترو پوروشېنكو ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان دونېتسك ۋە لۇھانسك شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملارنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە ئېغىر زىيان بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سايلاملارنى رۇسىيە قوللىغان بولسا، ئۇكرائىنا بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ سايلاملارنىڭ رايوندا بەرپا قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىگە زىيان بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ سايلاملارنى كۆز بويامچىلىق دەپ تەرىپلەپ، رۇس تەرەپدارلىرىنى ئەيىبلىدى. ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە مىنسك كېلىشىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان تەقدىردە، رۇسىيەگە ئىقتىسادى جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە 5-سىنتەبىردە ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ھەر ئىككىلى تەرەپ خىلاپلىق قىلدى.
رايوندا رۇسىيە تەرەپدارلىرى بىلەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان 4000دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر