كوبانىدا ئى ش ئى د نىڭ نۇقتىلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىندى
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئايروپىلانلىرى كوبانىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
179689
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوبانىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى(ئى ش ئى د) بىلەن بەزى كۈرت (كورد) گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش، پات – پات شىددەتلىك تۈس ئالدى. بولۇپمۇ چېگرا ئېغىزى ۋە كوبانىنىڭ غەربىگە مەركەزلەشكەن ئېتىشىشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپ كەچكە يېقىن ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. كۈرت گۇرۇپپىلار مىناميوت ئوقلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئى ش ئى د نىڭ نۇقتىلىرىنى، ئارقىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئايروپىلانلىرى بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا كۆككە كۆتۈرۈلگەن تۇمانلار سۇرۇچ چېگرا ئېغىزىدىنمۇ كۆرۈندى.