تۈركىيەنىڭ ئارىلىق رايون تەكلىپى

سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

151678
تۈركىيەنىڭ ئارىلىق رايون تەكلىپى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىنى مەشغۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگىلىيەدىن «ئارىلىق رايون» مەسىلىسى توغرۇلۇق باياناتلار كەلدى.
ئاق ساراي، «تۈركىيەنىڭ ئارىلىق رايون تەكلىپى» نىڭ مۇزاكىرە قىلىنمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىمۇ، تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنىڭ ھەربىي بىر يول سۈپىتىدە سۆھبەت ئۈستىلىدە ئەمەسلىكىنى جاكارلىدى.
سۈرىيە چېگرىسىدا بىخەتەر رايون تەشكىل قىلىنىش تەكلىپى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى بىلەن ئەنگىلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فىلىپ ھەمېندنىڭمۇ كۈنتەرتىپىدە ئىدى.
ئىككى رەھبەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
كېرى، «تۈركىيەنىڭ تەكلىپىگە قاراپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ» دېدى. ھەمېند بولسا، «ئارىلىق رايوندىن مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە بۇ تەكلىپنىڭ قانداق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى توغرۇلۇق باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەنمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما ھازىرقى ئەھۋال ئاستىدا بۇر پىكىرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتەلمەيمەن» دېدى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە چېگرىسىدا بىخەتەر رايون تەشكىل قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر