ئوبامانىڭ ئى ش ئى د ئېتىراپى....

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) غا سەل قارىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

143320
ئوبامانىڭ ئى ش ئى د ئېتىراپى....

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى (ئى ش ئى د) سۇرىيەدە پەيدا قىلىۋاتقان خەۋپكە سەل قارىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئوباما يەنە، ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ سالغانلىقىنى قوبۇل قىلدى.

بىر تەرەپتىن سۇرىيەدە بەششار ئەسەد تۈزۈمىگە قارشى چىقسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەسەد تۈزۈمىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش پەيدا قىلغان ئۆزئارا زىتلىقنىمۇ بىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن ئوباما، «قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلغان ئەسەد ھۆكۈمىتى ئاستىدا سۇرىيەدە مۇقىملىق يارىتالمايمىز. ئەسەدنىڭ سۇرىيەنىڭ بىر پۈتۈن قېلىشى ئۈچۈن بۇ مۇساپىنى ئىدارە قىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئوباما، «يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىغا قارىتىلغان جىددىي تەھدىتلەرنى نەزەرگە ئالغاندا، ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى، خوراسان تەشكىلاتى قاتارلىقلار ئامېرىكىلىقلارنى ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى ئەسكەرتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكىگە ئوخشاش قۇرۇقلۇقتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئوباما مالىكىنىڭ ئىراقنى ياخشى باشقۇرالمىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر