ئى ش ئى د نىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىغا زەربە بېرىلمەكتە

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىغا قارىتا خەلقئارالىق ھۇجۇم داۋاملاشماقتا.

141480
ئى ش ئى د نىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىغا زەربە بېرىلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىغا قارىتا خەلقئارالىق ھۇجۇم داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دېز ئەززۇر ۋە ھاسەكىدە نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا يېقىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا زەربە بەردى. فىرانسىيە ئايروپىلانلىرىمۇ تەشكىلاتنىڭ ئىراقتىكى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلدى.
ئەنگىلىيەمۇ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قېتىلىش قارارى ئالدى.
پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى ھېسابلىنىدىغان ئاۋام پالاتاسىدا تۈنۈگۈن كۈن بويى داۋاملاشقان تالاش - تارتىشلاردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئاۋازغا قويۇشتا، 524 پارلامېنت ئەزاسى قانۇن تەكلىپىنى قوللاپ، 43 پارلامېنت ئەزاسى بولسا رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى.
دانىيەمۇ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 7 دانە F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى بىر يىللىق رايونغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ دېر ئەززۇر ۋە ھاسەكىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىنى، ئىراقتا بولسا كەركۈكنىڭ جەنۇبىنى بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا، تەشكىلاتنىڭ كەركۈك مەسئۇلى بىلەن بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك مىلىتانلىرى ئۆلتۈرۈلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن 7 يېرىم مىليون دوللار چىقىم قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئابادى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ پارىژ ۋە ئامېرىكىدىكى مېترو ئىستانسىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى بارلىقى توغرۇلۇق ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
بۇ ئارىلىقتا، فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى، فىرانسىيە پۇقراسى ئېرۋې گۇردېلگە ئالجىرىيەدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ۋە تېررورنى ئەيىبلىدى. پارىژدىكى چوڭ جامەدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر