مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا يېقىن يەردە پارتلاش يۈز بەردى

مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىناسىغا يېقىن بىر جايدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

133844
مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىغا يېقىن يەردە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئۆلگەنلەرنىڭ ئىككىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىمى، ئىككىسىنىڭ پۇقرا ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

رەسمىي مەنبەلەر ھۇجۇم توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

پارتلاشنىڭ ئادەملەر زىچ بىر جايدا مەيدانغا كەلگەنلىكى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر