ئوباما ئى ش ئى د گە قارشى ئۇرۇشنىڭ بەزى تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتورا شەرقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.

130097
ئوباما ئى ش ئى د گە قارشى ئۇرۇشنىڭ بەزى تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى (ئى ش ئى د) تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلمايدىغانلىقىغا دائىر سۆزلىرىنى تەكرارلىدى.

ئوباما، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە مەسئۇل ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ فلورىدا – تامپادىكى مەركىزىنى زىيارەت قىلغاندا سۆز قىلىپ، «بەزى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىزگە ھاۋادىن ياردەم بېرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى ۋە يەنە بەزى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بولسا، قۇرۇقلۇقتا كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئۇرۇشنىڭ يالغۇز ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشى ئەمەسلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى بىرلەشمىگە ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر