بوران ئاپىتى خىتاي بىلەن ۋېيتنامغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

كالمېگى تايفون بورىنى ئاپىتى خىتاي بىلەن ۋېيتنامغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

129025
بوران ئاپىتى خىتاي بىلەن ۋېيتنامغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى


تايفون بورىنى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئاراللىرىدا سەل ئاپىتىگە سەۋەب بولدى.
يوللار ۋە ئائىلە قورۇلىرى سۇ ئاستىدا قالدى. نۇرغۇنلىغان رايوندا دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
ئارالدا قاپسىلىپ قالغان 1500 غا يېقىن كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى.
كالمېگى تايفون بورىنىنىڭ سۈرىئىتى سائەتىگە 100 كىلومېتىردىن ئاشتى.
تايفون بورىنى ۋېيتنامغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.
بوران ئاپىتىنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغان كۇئاڭنىن ۋە خايپوڭ شەھىرىدە كۈندىلىك تۇرمۇش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.
تايفون بورىنى ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردىن 30 مىڭ كىشى باشقا جايلارغا يۆتكەلدى.
ئايروپىلان سەپەرلىرىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر