سۈرىيەدە ئى ش ئى د تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلان ئېتىپ چۈشۈردى

سۈرىيەدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئايرۇپىلان ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

128106
سۈرىيەدە ئى ش ئى د  تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلان ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان راككا رايونىدا ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر ئايرۇپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.
سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش تەشكىلاتى مىلىتانلارنىڭ سۈرىيە ئايرۇپىلانىنى ئوق ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى. راككا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا.
سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتلىرىغا تەۋە بازىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشقا باشلانغاندىن بۇيان، مىلىتانلار تۇنجى قېتىم بىر ئايرۇپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر