خىتاي فىلىپپىنگە بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۈرۈش ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى پىلىپىندە بىر خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان گۇرۇپپا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆز پۇقرالىرىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

124602
خىتاي فىلىپپىنگە بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۈرۈش ئېلان قىلدى

خىتاي ئۆز پۇقرالىرىغا قارىتا فىلىپپىنگە زىيارەتكە بارماسلىق ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى فىلىپپىندە بىر خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان گۇرۇپپا قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئۆز پۇقرالىرىنى فىلىپپىنگە زىيارەتكە بارماسلىق ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، فىلىپپىندىكى ۋەزىيەت بىخەتەرلىكىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكى سەۋەبىدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋاقتىنچە ساياھەتكە بارماسلىقى لازىملىقى تەۋسىيە قىلىندى.
زامبۇاڭدا بىر ماگىزىندا ئىشلەيدىغان 18 ياشلىق لىپىجى ئىسىملىك خىتاي پۇقراسىنىڭ قوراللىق بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ۋە پايتەخت مانىلادا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان مەلۇم بىر گۇرۇپپىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋىرىدىن كېيىن مەزكۇر ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش - تارتىشلىق رايونلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسلىسى سەۋەبىدىن يىرىكچىلىكلەر داۋاملىشىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر