ياۋروپا رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگو يۈرگۈزمەكچى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تەييارلانماقتا.

113926
ياۋروپا رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگو يۈرگۈزمەكچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى رۇسىيەنىڭ ئوكرائىنانىڭ شەرقىدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقمىغان تەقدىردە، رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشقا تەييارلانماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتكەن ئېمبارگو لايىھەسىدە رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفېت ۋە قورال-ياراغ شىركەتلىرىنىڭ فونلىرىنىڭ چەكلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كومىتېتىنىڭ تەكلىپ لايىھەسى تەستىقلانغان تەقدىردە رۇس نىفېت شىركەتلىرىنىڭ زايوم ۋە چەكلىرى چىقىرىش ياكى شىركەت قەرز پۇلى ئىشلىتىپ ياۋروپا بازارلىرىغا قەرزدار بولۇشى چەكلىنىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە رۇسىيەگە نىفېت ۋە مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئىلغار تېخنىنكا ئېكسپورتىنى تېخىمۇ قاتتىق چەكلەيدىغان تەدبىرلەر ئورۇن ئالىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزا دۆلەتلەردىن رۇسىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىلىرى بولۇپ خەلقئارالىق تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ باسقۇچتا رۇسىيەنىڭ 2018 دۇنيا پۇتبول چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىش قارارىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلىشىگە سەلبىي قارىماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سودا ئېمبارگولىرىغا يېزا-ئىگىلىك ۋە يېمەك-ئىچمەك ئېمبارگولىرى بىلەن جاۋاپ قايتۇرغان موسكوۋا ھاكىمىيىتىنىڭ كېيىنكى قەدىمىنىڭ ئاپتوموبىل ساھەسى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىشى گېرمانىيە، چېك جۇمھۇرىيىتى، سىلوۋاكىيە ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سالماقتا. يەنە ئوكرائىنانىڭ شەرقىدە توقۇنۇشلار داۋاملاشقان ۋە رۇس ئەسكەرلىرى چېكىنىپ چىقمىغان تەقدىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سودا ئېمبارگولىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئۆتكەن ھەپتە بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا رۇسىيە ئوكرائىنادىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا چاقىرىلغان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدىن قوشۇمچە ئېمبارگو تەدبىرلەرنى تەييارلاپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر