ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئوكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسىلىققا چاقىردى.

109230
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئوكرائىنا سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر ھەپتە مۆھلەت بەردى، ئەكسىچە بولغاندا، يېڭى ئېمبارگولارنى يولغا قويىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئوكرائىنا رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش قارارى چىقتى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كامېرون ئوكرائىنا زېمىنلىرىدا رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇش تۇرۇشنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە مۇشۇ پېتى ماڭسا، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى پۈتۈنلەي باشقىچە بولىدۇ.»
يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، رۇسىيەگە قارشى ھەربىي جەھەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى ۋە ئوكرائىنانى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
بىريۇسسېلدىكى يىغىندا رەھبەرلەر رۇسىيەدىن ئوكرائىنادىكى قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنى يېڭى ئېمبارگو تۈرلىرىنى بېكىتىشكە چاقىردى. رۇسىيە ئوكرائىنا سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگەن تەقدىردە، بۇ ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر