ئىتالىيە داۋۇتئوغلۇ بىلەن چاۋۇشئوغلۇنى تەبرىكلىدى

ئىتالىيە باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنى تەبرىكلىدى

108599
ئىتالىيە داۋۇتئوغلۇ بىلەن چاۋۇشئوغلۇنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنى تەبرىكلىدى.
ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فېدېرىكا موگھېرىنى، باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنى تەبرىكلىدى.
ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، موگھېرىنى، بىر مەزگىل كەسىپداش بولغان باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن چاۋۇشئوغلۇنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىككى دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەردە تۈركىيە - ئىتالىيە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
مىنىستىر موگھېرىنى، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرگەۋدىلىشىش يولىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر