«تىنچلىق بۇرچى 2014» مانېۋىرى ئاخىرقى كۈنىدە

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلىيەدە «تېررورلۇق» قا قارشى ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى.

300116
«تىنچلىق بۇرچى 2014» مانېۋىرى ئاخىرقى كۈنىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان مانېۋىرنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، ھاۋا ئارمىيە ئەسكەرلىرى نامدا «تېررورچى» لارغا قارشى تەقلىدى ئۇرۇش قىلدى. قۇرۇقلۇق قىسىملىرىمۇ «تېررورچى» لار يوشۇرۇنغان تاغنى بومباردىمان قىلدى. دۈشمەنگە تەقلىد قىلىنغان قىسىملارغا ھەربىي ئاپتوموبىل، يىنىك تىپتىكى ئايروپىلانلار سەپلەپ بېرىلدى.
مانېۋىر قوماندانى، مانېۋىرنىڭ بۇ قىسمىدىكى نىشاننىڭ زەربە بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ھاۋادىن ئېتىش مەشىقىنى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى مانېۋىر 24 – ئاۋغۇست باشلانغان بولۇپ، بۈگۈن (29 – ئاۋغۇست) ئاخىرلىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر