خىتايدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىدۇ

يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەردە گۇمانلىق ھەرىكەتلەرنى پاش قىلغانلار مۇكاپاتلىنىدىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» دائىرىسىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

103635
خىتايدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىدا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» دائىرىسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قاتتىق كۈچەيتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى بىلەن قاتناش مىنىستىرلىكى بىرلىكتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، خىتايدىكى بارلىق شەھەرلەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقى؛ مۇھىم نۇقتا ۋە لىنيەلەردە «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى» يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوراللىق قىسىملارنىڭ چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۇقتۇرۇشتا، ئىشەنچلىك مەلۇمات يەتكۈزۈش، گۇمانلىق نەرسىلەر ۋە ئىش – ھەرىكەتلەر بايقالغاندا ۋاقتىدا مەسئۇل ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش بويىچە خەلقنىڭ ئاڭ – سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، مەلۇمات يەتكۈزگەن ۋە جىنايەتچىلەر ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا دۆلەت مىقياسىدا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئەمما بۇ ھەقتە قانداق يول تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر