ئىراقتا ئ ش ئ د گە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋا

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مۇسۇل دامبىسى ئەتراپىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) نىشانلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 مىلىتان ئۆلدى

99655
ئىراقتا ئ ش ئ د گە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مۇسۇل دامبىسى ئەتراپىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 مىلىتان ئۆلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى نىشانلىرىغا 6 يېڭى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.
ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ئائىت ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن كۆپ ساندىكى بازىلارنىڭ يوقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھەربىي ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغان بارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كېيىنچە رايوندىن بىخەتەر ھالدا ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، 8 - ئاۋغۇستتىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىراقتا 90 ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملاردىن 57 سىنىڭ مۇسۇل دامبىسى ئەتراپىدىكى ئىراق كۈچلىرىگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، گوللاندىيەنىڭ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۈرتلەرگە مىڭ دانە دۇبۇلغا، مىڭ دانە ئوق ئۆتمەس كىيىم ئەۋەتىش قارارى ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
گوللاندىيە ئەۋەتىدىغان ھەربىي ماتېرىياللارنىڭ باغداد ئارقىلىق ئەربىلغا يەتكۈزۈلۈپ، بۇ يەردە مەسئۇللارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر