ئوباما: ئ ش ئ د نىڭ 21- ئەسىردە ئورنى يوق

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئامېرىكىلىق مۇخبىر جېيمس فولىينى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.

97818
ئوباما: ئ ش ئ د نىڭ 21- ئەسىردە ئورنى يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى(ئ ش ئ د) نىڭ جېيمس فولىي ئىسىملىك مۇخبىرنى ئۆلتۈرۈۋېتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

ئوباما، ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن مۇخبىر جېيمس فولىي ئۈچۈن قايغۇرغانلىقلىرىنى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تەشكىلاتنى بىر راك ھۇجەيرىسىگە ئوخشاتقان ئوباما، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ 21- ئەسىردە ئورنىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشلىرىنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن، مۇخبىر فولىينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئېغىر شەكىلدە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن ئىككى يىلغا يېقىن ئىلگىرى سۇرىيەدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا تۇتۇپ كېتىلگەن فولىينىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىنتېرنېتتە تارقىتىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر