ئ ش ئ د، 700 يەزىدىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى قەتلىئاملىرى داۋام قىلماقتا.
ئىراقنىڭ شىمالىدا 80 يەزىدى ئەرنى ئۆلتۈرگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) مىلىتانلىرى سۇرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدا مەزكۇر قەبىلىگە مەنسۇپ 700 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرىمۇ داۋاملاشماقتا؛ ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇل سۇ ئامبىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى. ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى مەركەزلەشكەن جايلارنى بومباردىمان قىلدى، پەشمەرگە (كورد ئەسكەرلەر) قۇرۇقلۇقتىن ياردەم بەردى. ھۇجۇمدا 11 ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانى ئۆلدى، 9 نەپىرى يارىلاندى. ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئەنباردا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 15 ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى.
بۇ جەرياندا بىر يەزىدى پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بىر كورد ئەمەلدار، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى بىر يەزىدى بازىرىدا جۈمە كۈنى 80 دەك يەزىدى ئەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئاياللار بىلەن بالىلارنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان سۇرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگىنى ناملىق بىر تەشكىلات بولسا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئەششەيتات قەبىلىسىنىڭ 700 مەنسۇبىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.