رۇسىيە غەرب ئەللىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئەللەردىن بىر يىل بويىچە «ئاشلىق، يېزا – ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ماددا سېتىۋېلىش» نى مەنئىي قىلدى.

82579

پۇتىن، «رۇسىيەنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە» ئىمزالىغان ھۆججەتتە، باش مىنىستىر دىمىتىرى مېدۋېدېۋ ھۆكۈمىتىدىن چەكلىمە دائىرىسىگە ئېلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بېكىتىلىشىنى ۋە بۇ دائىرىگە كىرگۈزۈلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئېشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەر رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىكى بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ۋە دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ھەرىكەتلىنىش بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرگە جازا يۈرگۈزمەكتە.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر