ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا 645 ئادەم ئۆلدى

غەززەدىكى ئىسرائىلىيە زۇلۇمى داۋام قىلماقتا؛ ھۇجۇملاردا 645 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، يارىلانغانلارنىڭ سانى 4080 گە يەتتى.

68162
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا 645 ئادەم ئۆلدى

غەززەدىكى ئىسرائىلىيە زۇلۇمى داۋام قىلماقتا؛ ھۇجۇملاردا 645 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، يارىلانغانلارنىڭ سانى 4080 گە يەتتى.
ئىسرائىلىيە زەمبىرەكچى قىسىملىرىنىڭ خان يۇنۇستىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 8 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئونلارچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇززا ۋە ئاباسان بازارلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 9 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 40 ئەتراپىدا ئادەم يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈك ۋە يارىدارلارنى ئېلىپ چىقماقچى بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ رايونغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئەڭ يېڭى ھۇجۇملارنى قوشقاندا، ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر سانى 645 كە يەتتى.
غەززەگە قىلىنغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدە 29 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى. ئىززۇددىن ئەلقەسسام بىرىگاداسى بولسا، 52 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
رايوندا ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرىمۇ داۋام قىلماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر