ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنىدا غەززەگە ياردەم بېرىش قارار قىلىندى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قاھىرە يىغىنىدا غەززەگە ياردەم بېرىش قارار قىلىندى

129835
ئەرەب ئىتتىپاقى يىغىنىدا غەززەگە ياردەم بېرىش قارار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قاھىرە يىغىنىدا غەززەگە ياردەم بېرىش قارار قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان پەلەستىنگە 53 مىليون دوللار، كۇۋەيت بولسا 10 مىليون دوللار ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى شاھزادە ئابدۇلئېزىز دۆلىتىنىڭ پەلەستىن قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىگە خەلقنىڭ سەھىيە ۋە يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قامدىشى ئۈچۈن 53 مىليون دوللار قىممىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
كۇۋەيت مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ساباھمۇ، دۆلىتىنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى ئېھتىياجىنى قامدىشى ئۈچۈن 10 مىليون دوللار ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
بۇ ئارىلىقتا، غەززەدىن كېيىن لىۋان ۋە مىسىردىنمۇ ئىسرائىلىيەگە روكېت ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، لىۋاندىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمغا توپ ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى.
مىسىردىن ئېتىلغان روكېت ئىسرائىلىيەنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى پورت شەھىرى ئېلياتتا 4 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، غەززەدىكى ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بەيتۇللەھمەدە توقۇنۇشتى.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى يۈزلەرچە نامايىشچىنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر