سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا 76 ئادەم ئۆلدى

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 76 ئادەم ئۆلدى.

96194
 سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا 76 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ 76 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسەد قىسىملىرى ئۆكتىچىلەرنىڭ تىزگىنىدىكى رايونلارغا قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ پايتەخت دەمەشقتە 22، ھالەپتە 20، ئىدلىبتە 12، دەرئادا 12، ھامادا7 ۋە ھۇمۇستا 3 بولۇپ جەمئىي 76 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سانامۇ ئارمىيەنىڭ غەربىي شىمالدىكى لازىقىيەگە قاراشلىق كەسەب ناھىيەسىنىڭ تىزگىنىنى قولغا ئالغانلىقلىرىنى، ئۆكتىچىلەر بىلەن كىرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئۆكتىچىنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر