بەششار ئەسەد ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلدى

سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ «ئومۇمىي كەچۈرۈم» ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

88412
بەششار ئەسەد ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ «ئومۇمىي كەچۈرۈم» ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سانا بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت ئەسەدنىڭ «2014 -يىل 9-ئىيۇندىن ئىلگىرى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر ئۈچۈن «ئومۇمىي كەچۈرۈم»نى مەزمۇن قىلغان 2014 -22 نومۇرلۇق قارار»نى تەستىقلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئومۇمىي كەچۈرۈمدىن قانچە كىشىنىڭ پايدىلىنالايدىغانلىقى ياكى قارار دائىرىسىگە كىملەرنىڭ كىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە «مەزكۇ ر قارارنىڭ روھىي بويىچە، ئۆلۈم جازاسى سادىر قىلغان جىنايەتنىڭ ئېغىر يىنىكلىكىگە قاراپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى» بىلدۈرۈلدى.
ئىچكى ئۇرۇشقا سەھنە بولىۋاتقان سۈرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئومۇمىي كەچۈرۈ ئېلان قىلغان، بىراق بۇ قارارنىڭ قانچىلىك ئەمەلىيلەشكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشكىلى بولمىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر