قۇش قونماز جامەسى

بىلىۋېلىڭ (65)

2071782
قۇش قونماز جامەسى

قۇش قونماز جامەسى

ئىستانبۇلدا قۇشلار ھېچ قونمايدىغان بىر جامەنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

ئىستانبۇلنىڭ ئۈسكۈدار رايونىغا جايلاشقان شەمسى پاشا جامەسى، دۇنياغا داڭلىق مېمار سىناننىڭ نادىر يادىكارلىقلىرىدىن بىرى. ئۈسكۈدار ساھىلىدىكى ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ مارمارا دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان نۇقتىسىغا جايلاشقان بۇ جامە، مەقبەرەسى ۋە مەدرىسلىرى بىلەن دېڭىزدىن قارىغاندا ناھايىتى نەپىس تاشقى كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ. گالاتا كۆۋرۈكى بىلەن خەلىج تۇمشۇقى بۇ جامەنىڭ دەل ئۇدۇلىغا جايلاشقان.

ئىنتايىن كىچىك ۋە ئاددىي بىنا بولغان كۇللىيە 2 - سېلىم ۋە 3 – مۇراد دەۋرلىرىدە ۋەزىرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن شەمسى ئەھمەد پاشا تەرىپىدىن 1580 – يىلى مېمار سىنانغا سالدۇرۇلغان. ئۈسكۈدار ساھىلىنى بېزەپ تۇرىدىغان بۇ جامە ھەم كۆركەم ھەم ھەيران قالارلىق ھېكايىسى بىلەنمۇ داڭلىقتۇر.

ناھايىتى ئەستايىدىل بىر ئادەم بولغان شەمشى پاشا مېمار سىناندىن قۇشلار قونالمايدىغان ۋە بۇلغىيالمايدىغان بىر جامە سېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر بىر جامەنى ئوخشىمىغان پىلانغا ئاساسەن سالىدىغان مېمار سىنان شەمسى پاشا ئۈچۈن ئۆزگىچە بىر جامە سېلىشنى پىلانلايدۇ.

مېمار سىنان جامە قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن ئىلگىرى تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ، شامالنىڭ يۆنىلىشىنىڭ قۇشلارغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۈسكۈداردا شىمال ۋە جەنۇبتىن چىققان شاماللار ئۆزئارا بىرلىشىدىغان بىر جاينى تاپىدۇ ۋە بۇ يەرگە جامە سېلىشنى قارار قىلىدۇ.

 بىرلا ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئىككى خىل شامال چىقىدىغان، دولقۇنلار قىرغاققا ئۇرۇلىدىغان بۇ جايغا قۇشلارنىڭ جامەگە قونۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

1580-يىلى ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلگەن بۇ جامە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئامما ئارىسىدا « قۇش قونماز جامەسى يەنى قۇش قونمايدىغان جامە» دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ.

ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئالدىدا بېلىق تۇتقىلى بولىدىغان، كۇتۇپخانىسىدىكى كىتابلارنى ئوقۇغىلى بولىدىغان ۋە جامەسىدە ئىبادەت قىلغىلى بولىدىغان بۇ مىسلىسىز يادىكارلىق، بۈگۈنكى كۈندە ئۈسكۈدارنىڭ سىمۋوللىرىدىن ۋە ئىستانبۇلدىكى تارىخىي جامەلەر ئىچىدە چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر