ھاماس ۋە ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى رەھبەرلىرى تېھراندا كۆرۈشتى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، تۆت تۈرلۈك شەرتنىڭ ھازىرلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2122352
ھاماس ۋە ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى رەھبەرلىرى تېھراندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ۋە ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى، ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، سەرگەردانلارغا ئايلانغان غەززەلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت تۈرلۈك شەرتنىڭ ھازىرلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن ئىسلامىي جىھاد ھەرىكىتى باش كاتىپى زىياد ئەننەھھالە باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا كۆرۈشتى.

ھاماس بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەرقانداق ۋاسىتىلىك سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، «غەززە ھۇجۇملىرىنىڭ پۈتۈنلەي توختىشى، ئىشغالىيەتچى كۈچلەرنىڭ ئۇ يەردىن چېكىنىشى، سەرگەردانلار (غەززەلىك)نىڭ چوقۇم ئۆيلىرىگە قايتىشى ۋە ياردەملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كىرىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)تىكى ھۇجۇم بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ زەربە بېرىشلەر، قۇددۇس ۋە مەسجىدى ئەقسادىكى دەپسەندىچىلىكلەر نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاسىتە ۋە ئوچۇق توقۇنۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، بۇ رايونلارنىڭ ھەممىسىدە ھەر خىل قارشىلىق ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئىسلام ئۈممىتى ئىسرائىلىيە سادىر قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا بولغان غەزىپىنى نامايان قىلىشقا ۋە قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق قارشىلىقىنى ئىپادىلەشكە چاقىرىلدى.

باياناتتا يەنە، غەززەگە ئالاقىدار خەلقنىڭ ئىرادىسىگە قارشى يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى مەقسەت قىلغان پىلان ۋە تۈرلەرنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر