ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك غەززەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلمەكتە

ئامېرىكا كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىتىدا باشلانغان غەززەنى قوللاش نامايىشى ئامېرىكا مىقياسىدا دولقۇنسىمان كېڭەيمەكتە.

2132860
ئامېرىكا ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك غەززەنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلمەكتە
Kanada'daki McGill universitesi gazze.jpg
abd universite gazze.jpg
California universitesi gazze.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ باغچىسىغا توپلىنىپ، ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلماقتا.

بەزى نامايىشلارغا ساقچىلارنىڭ قاتتىق ئارىلىشى ۋە قىلىۋاتقان زوراۋانلىقىنىڭ كۈچىيىشى تالاش-تارتىش ياراتماقتا.

ئوخېئو ئىشىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا غەززەنى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ساقچىلار ئارىلىشىپ، 16 ئوقۇغۇچىنى قوشقاندا جەمئىي 36 كىشىنى قولغا ئالدى.

نېۋادا ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ھويلىسىدا لوزۇنكا ئاچتى ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش شوئارلىرىنى توۋلىدى.

غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا قارشى ئامېرىكا ساقچىلىرى بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

بېسىپ كىرىپ تۇتقۇن قىلىش جاريانىدا 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇلارغا قارشى ئىنتىزام جازاسى بېرىش جەريانى باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئامېرىكادىن كېيىن، كانادادىكى ماك گىل ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ پەلەستىننى قوللاش لاگېرى قۇرۇلدى.

نامايىشچىلار «ئۇنىۋېرسىتېتىمىزنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇشىغا يول قويمايمىز» دېگەن شوئارلىرى بىلەن پەلەستىننى قوللاش چاقىرىقىدا بولدى.

ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئىسرائىلىيە توختىماي بومباردىمان قىلىۋاتقان غەززەگە ئۈمىت بولماقتا.

غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافاھتا پاناھلىنىۋاتقان بىر پەلەستىنلىك ئائىلە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق چېدىرلارنىڭ ئۈسستىگە خەت يېزىپ، ئامېرىكادىكى ئوقۇغۇچىلارغا رەخمەت ئېيتتى. پۈركۈلىدىغان بوياق بىلەن «غەززەنى قوللاپ ھەمكارلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا رەخمەت ئېيتىمىز» ۋە «كولۇمبىيە ئوقۇغۇچىلىرىغا رەخمەت» دېگەن سۆزلەرنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر