ت ر ت رادىئوسى

يوللاندى 27.07.2011 12:29:15 UTC
يېڭىلاندى 27.07.2011 12:29:15 UTC

بىز ھەمىشە ئىلىم –پەن ۋە تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنىڭ دۆلىتىمىزگە كېچىكىپ كىرگەنلىكىدىن شىكايەت قىلىمىز. ھالبۇكى تۈركىەدىكى رادىيو ئاڭلىتىش خىزمىتى 1927 –يىلى 6 –ماي كۈنى دېگۈدەك پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا باشلاندى. 1964 –يىلى 1 –ماي كۈنى TRT(تۈركىيە رادىيو –تېلېۋېزىيە باش ئورگىنى» نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بۇ خىزمەت تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى.   نۆۋەتتە TRTنىڭ رادىيولىرى؛ بىتەرەپ ۋە پىرىنسىپلىق رادىيو ئاڭلىتىش چۈشەنچىسى، توغرا ۋە پاساھەتلىك تۈركچىسى، خەۋەر، ئۇچۇر، مائارىپ، مەدەنىيەت، ناخشا –مۇزىكا ۋە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى بولۇڭ پۇچقاقلىرىغا ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە خىتاب قىلماقتا.

TRTرادىيولىرى؛ رادىيو -1، رادىيو –  2 ((TRT FM)،  رادىيو –4، 5 رايون (ئانتاليا، چۇقۇروۋا، گاپ –دىيارباقىر، ئەرزۇرۇم، ترابزون) رادىيوسى، تۈرك سەنئەت مۇزىكىسىنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن  رادىيولىرى: رادىيو TRTنەغمە، خەلق ناخشا –مۇزىكىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن TRTتۈركۈ، TRTرادىيوسى خەۋەر قانىلى ۋە خەلقئارا رادىيو قاناللىرى تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى (32 تىلدا) ۋە ياۋروپا FMبىلەن رادىيوچىلىق ساھەسى جەھەتتىن ھەم دۆلىتىمىز ھەمدە دۇنيادا ناھايىتى زور تەسىر كۈچكە ئىگە.

 

رادىيو –1

رادىيو –1، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە خەۋەرلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان بىر رادىيو بولۇپ، تۈرلۈك مۇھىم ئۇچۇرلار ۋە بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بارلىق رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدۇ. رادىيو –1، يۈزلەرچە سېتىرولۇق ئاڭلىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىش بەرمەكتە. رادىيو –1،  توغرا ۋە بىتەرەپ ئاڭلىتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنى بىلىم، سەنئەت، ئەدەبىيات، تىياتىر، تەنتەربىيە، مۇھىت، ئىقتىساد، كۆڭۈل ئېچىيش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل ساھەلەردە مۇھىم  ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمەكتە.

 قىسقىسى، رادىيو –1، 1927 –يىلدىن بېرى رادىيوڭىز بار بولغان ھەممىلا جايدا سىزگە ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

 

 رادىيو - 2  (FMTRT)

رادىيو –2، TRTنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق پىروگراممىلىرى ئارقىلىق ھەر كۈنى 24 سائەت سىلەر بىلەن بىللە.  رادىيو –2،  TRTنىڭ 24 سائەت نەق مەيداندىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان دۆلەتلىك رادىيو قانىلى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا. يۈزلەرچە سېتىرولۇق ئاڭلىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىش بەرمەكتە.  قىسقىسى، رادىيو –2، سىلەرنىڭ سىرداش دوستۇڭلار ۋە مەڭگۈلۈك ھەمراھىڭلار بولىدۇ.

 TRT FM يىراقنى يېقىنلاشتۇرۇۋاتقان بىر رادىيو بولۇپ، سىزنىڭ كۈندىلىك ھاياتىڭىزدا زادى كەم بولسا بولمايدىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

 

رادىيو - 3 

رادىيو –3، ئەلۋىس پرېسلېيدىن جوئان بائېزغا، فرانك سىناترادىن تىچايكوۋىسكىگە، موزارتتىن سارا ۋائۇغا قەدەر تاللانغان يېقىنلىق ناخشا مۇزىكىلارنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇۋاتقان، كىلاسسىك مۇزىكىلارنى ھازىرقى زامان مۇزىكىلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈۋاتقان ئۆزگىچە  بىر رادىيو بولۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق پىروگراممىلىرى ئارقىلىق ھەر كۈنى 24 سائەت سىلەر بىلەن بىللە.  رادىيو –3، يۈزلەرچە سېتىرولۇق ئاڭلىتىش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىش بەرمەكتە.

تېپىلغۇسىز مۇزىكىلارنىڭ يېگانە ئادرېسى رادىيو –3 دۇر.

 

رادىيو - 4 

ئەنئەنىۋى سەنئەت ۋە خەلق مۇزىكىلىرىنىڭ رەڭگارەڭ گۈللىرى رادىيو - 4  باغچىسىدا. ئادەمگە تەڭداشسىز ھۇزۇر بېغىشلايدىغان خۇشناۋالار، سازلار، يېقىملىق ناخشىلار، ئانادولۇنىڭ ئۆزىگە خاس ھەر خىل خەلق ناخشىلىرى، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق سازەندىلەرنىڭ مۇزىكىلىرىنىڭ ھەممىسىنى رادىيو –4 نىڭ  باغچىسىدىن تاپالايسىز. رادىيو –4، TRTنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق پىروگراممىلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىش بەرمەكتە.

رادىيو - 4  ئىشتىياق ۋە ئارزۇ ھەۋەسلەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدۇر.

 

TRT Türkü  رادىيوسى

TRT Türkü  (خەلق ناخشىلىرى) رادىيوسى ، 2009 يىلى 1 ئىيۇل كۈنى رەسمىي ئاڭلىتىشقا باشلىغان بولۇپ،  رادىيو ۋاستىلىرى، ئىنتېرنېت ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق خەلق ناخشىلىرى ھەۋەسكارلىرىغا خىتاب قىلىۋاتقان بىر رادىيودۇر. رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىغا تۈرك خەلق مۇزىكىلىرىغا بولغان سۆيگۈسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە يولغا چىققان TRT Türkü  رادىيوسى،  رددىيو ئاڭلىغۇچىلىرىنى  24 سائەت تاللانغان ناخشا مۇزىكىلار بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئاڭلىتىشلىرىدا ئورتاق مىراسىمىز بولغان خەلق مۇزىكىلىرىغا ئورۇن بېرىش ئارقىلىق، خەلق مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلۇشى ۋە تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا ھەسسە قوشماقتا.

 

TRT  نەغمە رادىيوسى

TRT  نەغمە رادىيوسى،  2009 يىلى 6 ماي كۈنى رەسمىي ئاڭلىتىشقا باشلىغان بولۇپ،  رادىيو ۋاستىلىرى، ئىنتېرنېت ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تۈرك سەنئەت مۇزىكىلىرى ھەۋەسكارلىرىغا خىتاب قىلىۋاتقان بىر رادىيودۇر. TRT  نەغمە رادىيوسى،  رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىنى  24 سائەت تاللانغان تۈرك سەنئەت مۇزىكىلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە.TRT  ئارخىپلىرىدىن تاللانغان ۋە يېڭى سەنئەت مۇزىكىلىرى TRT  نەغمە رادىيوسى تەرىپىدىن رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلماقتا.

 

TRT Radyo Haber  رادىيوسى

تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى ئۆزگىرىلەش، ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى   TRT Radyo Haber  رادىيوسىدا.   24 سائەت ئاڭلىتىش بېرىۋاتقانTRT Radyo Haber  رادىيوسى،  TRT 1رادىيوسى،  TRT Türk  رادىيوسى ۋە TRT Haber  تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىكى خەۋەر پىروگراممىلىرىنى نۆۋەت بىلەن ۋە بىرلا ۋاقىتتا رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقتا. خەۋەرلەرنى TRTنىڭ  پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھالدا رادىيودىن ئاڭلاشنى خالايدىغانلار، رادىيو ۋاستىلىرى، ئىنتېرنېت ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق   TRT Radyo Haber  رادىيوسىدا ئۇچراشماقتا.

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى، قىسقا دولقۇن ئارقىلىق ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان ئەنقەرە رادىيوسىدىن تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىغا زورايغان بىر رادىيودۇر. تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ساداسى 70 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىزچىل ياڭرىماقتا. خەۋەرلەر، تەنتەربىيە خەۋەرلىرى، مەدەنىيەت –سەنئەت، ناخشا –مۇزىكا، كۆڭۈل ئېچىش پىروگرامملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى، چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ۋەتەنداشلار ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك مەدەنىيىتى بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئالاقە ۋاستىسى، ئۇلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىش چارىسى، ئۆزئارا دەرتلىشىش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى، قىسقا دولقۇن، سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق 24 سائەت ئاڭلىتىش بەرمەكتە. سىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولماڭ، چوقۇم تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايسىز. ئۇنتۇپ قالماڭ. تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى، سىزنىڭ دائىملىق سىردىشىڭىز ۋە ھەمراھىڭىزدۇر.

 

رادىيو - 6 

رادىيو - 6 ، دۆلىتىمىزىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىگە ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان، زامانغا ماس ھالدا ئاڭلىتىش پىرىنسىپى ئارقىلىق چوڭ –كىچىك بارلىق رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا خىتاب قىلىۋاتقان كۈرتچە رادىيو قانىلى ھېسابلىنىدۇ. رادىيو – 6، 2009 –يىلى 1 –ماي كۈنى رەسمىي ئاڭلىتىشقا باشلىغان بولۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىغا قارىتا ئاڭلىتىش بەرمەكتە.  رادىيو –6 ئاڭلىتىشلىرىدا رايون خەلقلىرى بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ھەمدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە تۈركىيەنىڭ نوپۇزىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشماقتا.

 

TRT  ياۋروپا رادىيوسى

TRT  ياۋروپا رادىيوسىنىڭ پىروگراممىلىرى، ھاياتنىڭ كۈمۈمسىرىتىدىغان ئەسلىمىلىرى، كۆچمەنلىك ھېكايىلىرى، مۇۋەپپەقىيەت مۇساپىلىرى، دۆلىتىمىزنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «بىز ئۆزىمىزگىلا ئوخشايمىز» قىممەت قارىشىمىز ۋە سەرخىل ناخشا مۇزىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. TRT  ياۋروپا رادىيوسى، يەنە ياشلار ۋە ياشلىقنى قولدىن بېرىپ قويمىغانلار ئۈچۈن ناخشا –مۇزىكا، سۆھبەت قاتارلىقلار ئارقىلىق رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى شاد –خۇراملىق باغچىسىدا سەيلە قلدۇرماقتا. TRT  ياۋروپا رادىيوسى، ھەر كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 9 دىن 18 غىچە، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12 دىن 21 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئىنتېرنېت، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئاڭلىتىش بەرمەكتە. سىز ياخشى كۆرىدىغان بىرەر ناخشىنى ئاڭلىغماقچى ياكى سىز ياخشى كۆرىدىغان بىرەرسىگە ھەدىيە قىلماقچى ۋەياڭى ھېس –تۇيغۇلىرىڭىزنى ئورتاقلاشماقچى بولسىڭىز، تۈركىيەنىڭ ئەڭ يېقىملىق TRT  ياۋروپا رادىيوسىنىڭ ئىنتېرنېت ئادرېسى http://www.trt.net.tr/Radyo/RadyoAnasayfa.aspx ھەر دائىم سىز بىلەن بىللە.