خۇسىيلار بۇ قېتىم ئەنگىلىيە ۋە لىبېرىيەنىڭ ئىگىداچىلىقىكى ئىككى سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىران قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان يەمەندىكى خۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سودا پاراخوتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2132882
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ باياناتىدا، «ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا بايرىقى ئسېلغان، لىبېرىيەنىڭ باشقۇرىشىدىكى <MV MAISHA> ناملىق ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى پاناما بايرىقى ئېسىلغان، <MV Andromeda Star> ناملىق پاراخوتلارغا يەمەندىكى خۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايوندىن ئۈچ پاراخوت سوقار باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى» دېيىلدى.
<MV Andromeda Star> ناملىق پاراخوتنىڭ ئازراق زىيان كۆرگەنلىكى، لېكىن شۇنداقتىمۇ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا: «ھازىرچە ئامېرىكا، ياكى بىرلەشمە قىسىم تەرىپىدىن ۋە ياكى سودا پاراخوتلىرى تەرىپىدىن دوكلات قىلغان بىرەرە يارىلىنىش ھادىسىسى ۋە ياكى ئېغىر زىيان يوق» دېيىلدى.