ئەلقاسسام بىرىگادالىرى ئىككى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ كۆرۈنىشىنى ھەمبەھىرلىدى

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادالىرى غەززە رايونىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئىككى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ كۆرۈنىشىنى ھەمبەھىرلىدى.

2132887
ئەلقاسسام بىرىگادالىرى ئىككى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ كۆرۈنىشىنى ھەمبەھىرلىدى
israilli esir.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونغا قاراتقان ۋەھشىيانە بومباردىمانلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەر مىسىر ۋە قاتارنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئاستىدا داۋاملاشماقتا.

ھاماس كېلىشىمگە قارىتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە رايونىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشىنى، يۈرت ماكانلىرىدىن ئايرىلغان پەلەشتىنلىكلەرنىڭ شەرتسىز ئۆيلىرىگە قايتىشىنى، قورشاۋنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشىنى ۋە ئاساسلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما ئىسرائىلىيە تەرسالىق قىلماقتا.

ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادالىرى غەززە رايونىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئىككى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ كۆرۈنىشىنى ھەمبەھىرلىدى.

باياناتتا، «ئىسرائىلىيە تاللىشى كېرەك. ئەسىرلەرمۇ ياكى ئۇرۇشمۇ؟ رافاھقا كىرىشى ئەسىرلىرىنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رافاھقا بېسىپ كىرىش ئەسىرلەرنىڭ ئۆلىشى ئۈچۈن تاللانغان يەنە بىر يول بولۇپ قالىدۇ. ئىسرائىلىيە ئەسىرلەرنى تاللىشى كېرەك» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر