ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇمى غەززەنى كوللىكتىپ قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش ئالدىدا تۇرىدۇ

ئىسرائىلىيە 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىنى توختاتمىغان غەززە رايونىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 20 مىڭ 258 گە يەتتى.

2080132
ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇمى غەززەنى كوللىكتىپ قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدىكى ھۇجۇملىرىدا 201 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 368 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشقان ھۇجۇملاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ 20 مىڭ 258 گە  ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ 53 مىڭ 688 گە ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى تەرىپدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،  ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، غەززەدە «ئاچارچىلىق» نىڭ «جىددىي ھالەت سەۋىيەسى» گە يەتكەنلىكى ۋە 5 ياشتىن تۆۋەن 335 مىڭ كىچىك بالىنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

ياۋروپا-ئاق دېڭىز كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (ياۋرو-مېد) نىڭ دوكلات قىلىشىچە، شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدە 60 ياشتىن يۇقىرى نۇرغۇن كىشىنى قەستەن ئۆلتۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدا 78 كۈندىن بېرى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا، پەلەستىننىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغىمۇ ھۇجۇم قىلغاندىن سىرت، ھازىرغىچە كەم دېگەندە 13 غەززە شائىرى ۋە يازغۇچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان ژۇرنالىستلارنىڭ سانى 101 گە يەتكەن.

يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئورگىنىنىڭ مۇدىرى توماس ۋايت ئورگاننىڭ X ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، سىياسىي سۆھبەت شەرتلىرىنى قويماستىن، دەرھال غەززە رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ياردەم  يەتكۈزۈشكە جىددىي ئېھتىياج بارلىقىنى بىلدۈردى.

توماس ۋايت، «غەززەدىكى خەلق شاھمات تاختىسىدىكى پىچكىلار ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلدى. كىشىلەرنىڭ بارىدىغان يېرى يوق، بىخەتەر جايى يوق» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە داۋاملاشتۇرىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا 55 مىڭ ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى ۋە 23 دوختۇرخانا خىزمەتتىن توختاپ كەتتى. پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش توغرىسىدىكى 2720 - نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

غەززە رايونىدا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا قارار ماقۇللىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ پۈتكۈل رايونىنى يالغۇز ئۆلۈكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تېرىكلەر ئۈچۈنمۇ ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۈشىغا ئاز قالغانلىقى  ئەسكەرتىلىپ ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر