ھېرزى ھالېۋى: غەززەدىكى يەر ئاستى تونېللارغا سۇ قويۇپ بېرىش ياخشى پىكىر

ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھېرزى ھالېۋى غەززە رايونىدىكى ھاماسنىڭ يەر ئاستى تونېللىرىغا دېڭىز سۈيى قويۇپ بېرىشنىڭ ياخشى پىكىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2073030
ھېرزى ھالېۋى: غەززەدىكى يەر ئاستى تونېللارغا سۇ قويۇپ بېرىش ياخشى پىكىر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھالېۋى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان غەززە رايونىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «ۋول سترېت ژۇرنال» گېزىتى، «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھاماسنىڭ يەر ئاستى تونېللىرىغا دېڭىز سۈيى قويۇپ بېرىدۇ» دېگەن خەۋەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىدا، ھالېۋىنىڭ: «يەر ئاستى تونېللىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق چارەلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. تونېللارنى سۇ بىلەن تولدۇرۇش ياخشى پىكىر. ھازىرچە بۇ ھەقتە ئېنىق بېر نەرسە دېيەلمەيمەن» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھېرزى ھالېۋى غەززەدە بىردىن كۆپ يەر ئاستى تونېللارنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ھاماسنىڭ بۇ تونېللاردىن پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پارتلىتىش، تىندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان چارەلەرنىڭ بارلىقىنى» بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر