G7 رەھبەرلەر يىغىنى ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

دۇنيادا ئىقتىسادىي ئەڭ تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەت (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە) تىن تەشكىل تاپقان G7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى، ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2073073
G7 رەھبەرلەر يىغىنى ياپونىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ باش كاتىپى ماتسۇنو خىروكازۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىيونىڭ بۈگۈن (6-دېكابىر) توردا G7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ G7 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ، «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا 2022-يىلى 14-فېۋرالدىن تارتىپ قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى، ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىسىرائىلىيە-ھاماس ئۇرۇشى ۋە سۈنئىي ئەقىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان مەسىلىلەر» نى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ G7 تور يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

ئىتالىيە 2024-يىلى G7 نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ياپونىيەدىن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر