ئىسىرائىلىيە سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋە دەمەشىق ئەتراپىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

2069156
ئىسىرائىلىيە سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ئىسىرائىلىيەنىڭ دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمى بىلەن پايتەخت ئەتراپىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلارنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەرلەردە، دەمەشىق خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش يولىنىڭ پارتلىتىلغانلىقى، ئايروپىلانلارنىڭ لازقىيە ۋە ھەلەب ئايرودۇرۇملىرىغا قونغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان ئېلان قىلمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر