ئىسىرائىلىيە غەززەدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

ھاماس 7-ئۆكتەبىر (2023) ھۇجۇم باشلىغاندىن كېيىن، رايوندا پەلەستىن قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.

2049888
ئىسىرائىلىيە غەززەدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچە (11-ئۆكتەبىر) بويىچە توختىماي غەززەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەششاتى مۇساپىرلار لاگېرى ۋە شىمالدىكى جىبالىيا رايونىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قالېندىيا مۇساپىرلار لاگېرىغا بېسىپ كىرىپ، بىر پەلەستىنلىكنى ئېغىر يارىلاندۇردى، ئىككى پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى قارشىلىق كۆرسەتكەن پەلەستىنلىكلەرگە راست ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى.

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان رەفاھ شەھىرىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىن بومباردىمان قىلدى. بومباردىماندا توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، رەفاھ شەھىرىگە قىلىنغان بومباردىماندا قاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ دېڭىز قىسمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئەبۇ شاملانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، شاملانىڭ ئۆيىدە دېڭىز ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئوق-دورىلارنىڭ ساقلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا، پەلەستىنگە ئېتىلغان راكېتالار سانىنىڭ ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ھاماسقا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنىلىكى قەيت قىلىندى.

غەززەنى توختىماي بومباردىمان قىلىۋاتقان ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى، شىمالدا بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى پارتلاتتى ۋە ماشىنىدىكى تۆت نەپەر سەھىيە خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى.

غەززەنىڭ شەرقىدىمۇ بىر سەھىيە خادىمى ئىسىرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە سەھىيە ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، غەززە ئەتراپىدىكى يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى زىكىمغا مەخپىي كىرگەن پەلەستىن قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئېتىشقان. ئېتىشىشلاردا، ئۈچ نەپەر پەلەستىنلىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۆلتۈۈرلگەن.

ئىسىرائىلىيە تۈرمىلەردىكى بارلىق پەلەستىنلىك مەھبۇسلار سولانغان كامېرلارنىڭ توكىنى ئۈزۈۋەتتى. مەسئۇل دائىرىلەر بۇنىڭ، «پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ  ئەتكەس تېلېفون ئارقىلىق تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى زاكاس قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززەددىن ئەلقاسسام بىرىگادىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ھايفا شەھىرىگە «R160» تىپلىق راكېتا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما، ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئەلقاسسام  بىرىگادىلىرى شەنبە (2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر) كۈنى ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتالار ئېتىلغان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىككى تەرەپتنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلىرىدا، يۈزلىگەن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر