پېنتاگون شىمالىي كورېيە، ئىران، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ «تەھدىتلىك دەرىجىسى»نى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون «كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» ناملىق ھۆججىتىدە ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنى «مەڭگۈلۈك تەھدىت» دەپ ئاتىدى.

2044323
پېنتاگون شىمالىي كورېيە، ئىران، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ «تەھدىتلىك دەرىجىسى»نى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون 2014 - يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم «كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» ھۆججىتىنى ئېلان قىلدى.

ھۆججەتتە، ئىران بىلەن شىمالىي كورېيەگە «مەڭگۈلۈك تەھدىت»، خىتايغا بولسا، «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىت»، رۇسىيەگە «ئۆتكۈر تەھدىت» دەپ ئېنىقلىما بېرىلدى.

ھۆججەتنىڭ شىمالىي كورېيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا: «ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش شىمالىي كورېيەنى توقۇنۇشنىڭ ھەر قانداق باسقۇچىدا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېيىلگەن بولسا، ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا «ئىران ھازىرچە يادرو قوراللىرى پىلانىنى داۋاملاشتۇرمايۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان خام ئەشياسى بار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر