ستولتېنبېرگ سلوۋاكىيە باش مىنىستىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكوغا سۇيىقەست قىلىش ئۇرۇنۇشىنى ئەيىبلىدى.

2140547
ستولتېنبېرگ سلوۋاكىيە باش مىنىستىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكونىڭ ئۇزۇن يىل بىرلىكتە خىزمەت قىلغان مەنسەپدىشى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قوراللىق ھۇجۇمدا يارىلانغانلىقىدىن چوڭقۇر ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، فىكونىڭ ئائىلىسى ۋە سلوۋاكىيە خەلقىدىن ھال سورىدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا بايانات بېرىپ: «مەن ئۇنىڭ بىلەن 20 يىلدەك بىللە ئىشلىدىم. نەچچە يىل ئىلگىرى ھەر ئىككىمىز باش مىنىستىر بولۇپ، مەنسەپداش ئىدۇق. بۇ ھۇجۇم بىزنى چۈچۈتتى ۋە ۋەھىمىگە سالدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ دېموكراتىيەمىزنىڭ بارلىق ئېلېمېنتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇم. دېموكراتىك دۆلەتلەردە پىكىرلىرىمىز ئوخشىماشلىقى مۇمكىن، ئەمما زوراۋانلىقنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئوي-خىيالىمىز باش مىنىستىر فىكو، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە سلوۋاكىيە خەلقى بىلەن بىرگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سلوۋاكىيە باش مىنىستىرى فىكو تۈنۈگۈن دۆلىتىنىڭ خەندلوۋا بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر