ئامېرىكا سۇداندىكى تېز ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ قوماندانلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۇداندىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە رول ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك تېز ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ ئىككى قوماندانىنى «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

2140556
ئامېرىكا سۇداندىكى تېز ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ قوماندانلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۇداندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر يېقىندىن كۆزىتىلىۋاتقان بولۇپ، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە رول ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە قارىتا داۋاملىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈلمەكتە ئىكەن.

دارفۇردا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە رول ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك، تېز ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ ئەلى ياقۇب جىبرىل ۋە ئوسمان مۇھەممەد ئىسىملىك ئىككى قوماندانى  «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن.

تېز ياردەم بېرىش قىسمىنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى رايونلاردىكى يۈز مىڭلىغان خەلقنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ھەم تېز ياردەم بېرىش قىسمىدىن ھەمدە سۇدان قوراللىق كۈچلىرىدىن ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشى تەلەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر