ئەبۇ غەيت گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن غەززە ۋە سۇداندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

2140579
ئەبۇ غەيت گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بەيرەين پايتەختى مانامەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 33-نۆۋەتلىك ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇچۇرىدا، يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى (UNRWA) باش كومىسسارى فىلىپ لاززارىنى بىلەن ب د ت باش كاتىپىنىڭ سۇدان ئالاھىدە ۋەكىلى رامتان لامامرانىڭمۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئەھمەد ئەبۇ غەيت: «يىغىندا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ پەلەستىن خەلقىگە يەتكۈزىدىغان زىيانلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنى ئۈستىگە ئالغان رولنىڭ ھەممەيلەنگە ئايان ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ بۇ رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يوللىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن ئەھمەد ئەبۇ غەيت، يىغىندا يەنە، كەلگۈسىدە پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇش توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ۋە ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ سۇدان ۋەزىيىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى مەسىلىسىدە ھەمپىكىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۇداندا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەت قۇرۇلمىسىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەبۇ غەيت سۇدان خەلقىنىڭ بۇ قىيىن مۇساپىنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر