ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە F-35A تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جەنۇبىي كورېيەگە تەخمىنەن 5 مىليارد 60 مىليون دوللار قىممىتىدە F-35A تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە ھەرخىل ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: F-35A تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە ھەرخىل ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلىدى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون قارمىقىدىكى بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق ئورگىنى — DSCA يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەگە جەمئىي 5 مىليارد 60 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 25 دانە F-35A تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان، ئوق- دورا، قوشۇمچە ئەسلىھەلەر، خادىملارنى تەربىيەلەش شۇنداقلا F-135-PW-100 موتورى قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلىغانلىقى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، ئامېرىكا پارلامېنتىغا سېتىشنىڭ تەستىقلانغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك نىشانلىرىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان بۇ سېتىشنىڭ «رايوندىكى تاجاۋۇزچىلىقنى توسۇپ»، جەنۇبىي كورېيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.