بايدىن خاتا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋىيېتنام رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرىدا باشقا بىر سىياسىيوننىڭ سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى.

2036798
بايدىن خاتا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹نيۇ يورك پوچتا› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ۋېيتنام رەھبىرى ۋو ۋان تۇئوڭ بىلەن كۆرۈشكەندىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرىدا باشقا بىر سىياسىيوننىڭ سۈرىتىنى ئىشلىشىپ، مۇنداق  دېگەن: «ئۇچرىشىشىمىز شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن پىرېزىدېنت ۋو ۋان تۇئوڭغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ ھەمكارلىق خەلقلىرىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئېچىش، شۇنداقلا بىر قاتار تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ۋېيتنام پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ۋوڭ دىنخ خۇ بىلەن سالاملاشقان سۈرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاتا ئۇچۇرى كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر