كولومبىيەدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

كولومبىيەنىڭ مېتا مەمۇرىي رايونىدا بىر ساقچى ئاپتوموبىلى نىشان قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا، ئىككى ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككى ساقچى يارىلاندى.

2031729
كولومبىيەدە بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېتا مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋالىيسى گۇان گىلېرمو زۇلۇگانىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، فۇئېنتې دې ئورو يېزىسىنىڭ پۇئېرتو للېراس يولىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

ھۇجۇمنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتىغان ۋالىي زۇلۇگا كولومبىيە ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سابىق ئەزالىرىنىڭ رايوندا تەسىر كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە مىللىي ھۆكۈمەتنى قانۇنسىز گۇرۇپپىلارغا زەربە بېرىشكە چاقىرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر