رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى نىشانلارغا زەربە بەرمەكتە ئىكەن

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنادىكى ھەربىي قارار چىقىرىش مەركىزىگە زەربە بەرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

2028830
رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى نىشانلارغا زەربە بەرمەكتە ئىكەن
ukrayna asker.jpg
İgor Konaşenkov.jpg
ukrayna.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوۋ پايتەخت موسكۋادا 23-ئاۋغۇست (2023) رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنادىكى بەزى نىشانلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بۈگۈن كەچتە، رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى ھاۋادىن قويۇپ بېرىلگەن يىراق مۇساپىلىق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئۇكرائىنادىكى ھەربىي قارار چىقىرىش مەركىزىگە زەربە بەردى. ھۇجۇم مەقسىتىگە يەتتى» دېدى.

ئۇ شۇ كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ زاپورىژيا ۋە دونېتسكتىكى ھۇجۇملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، بۈگۈنگىچە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 462 ئايروپىلانى، 246 تىك ئۇچارى، 6012 دانە ئۇچقۇسى، 433 دانە ھاۋا قالقان سىستېمىسى، 11 مىڭ 476 تانكا ۋە بىرونىۋېكى، 1144 راكېتا ئاتار، 6 مىڭ 24 يىراق مۇساپىلىق زەمبىرىكى ۋە مىنامىيوتى، 12 مىڭ 408 دانە ھەربىي ئاپتوموبىلىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر