پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان قولغا ئېلىندى

پاكىستان ساقچىلىرى پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خاننى لاھور شەھىرىدىكى ئۆيىدە قولغا ئالدى.

2020623
پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرى، ئىمران خاننىڭ باش مىنىستىر بولغان مەزگىلدە ئالغان سوۋغاتلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىمىغانلىقى ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان دېلودا گۇناھكار دەپ قارىلىپ، قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلامئاباد سوت مەھكىمىسى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىمران خاننى ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

پاكىستان ئەدالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى باش كاتىپى ئۆمەر ئەييۇپ خان، كونا ئىسمى تۋىتتېر بولغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، سابىق باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

پاكىستان ئەدلىيە ۋە قانۇن ئىشلىرى مىنىستىرى ئازەم نازىر تارار ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ئىمران خاننىڭ 5 يىل بويىچە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

پاكىستان قانۇنىغا ئاساسەن، باش مىنىستىرلار، مىنىستىرلار، بيۇروكراتلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى چەت ئەل دۆلەت ئەربابلىرىدىن تاپشۇرۇۋالغان سوۋغاتلارنى «توشاخانا» دەپ ئاتىلىدىغان بۆلۈمگە دوكلات قىلىشى شەرت بولۇپ، پاكىستان ئادالەت ھەرىكىتى پارتىيەسى ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئىمران خانغا سوۋغا قىلىنغان سوۋغاتلارنىڭ دوكلات قىلىنمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر