ئىراندا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش ئېلان قىلىندى

ئىراندا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن بارلىق ئورگانلار ئۈچۈن ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش ئېلان قىلىندى.

2018812
ئىراندا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئەلى باھادورى جەھرومى تۋىتتېر ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ كۈنلەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىسسىق سەۋەبىدىن پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشنى كۆزدە تۇتۇپ، سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سۇنۇلغان چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا دەم ئېلىش ئېلان قىلىش تەكلىپى، مىنىستىرلار كېڭىشىدە قوبۇل قىلىندى» دېدى.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان كۆرۈلگەن قاتتىق ئىسسىق ئىرانغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئەتە (2-ئاۋغۇست) ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەزى شەھەرلەردە ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ 51 گىرادۇسقا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پايتەخت تېھراندىمۇ تېمپېراتۇرانىڭ 40 گىرادۇسقا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىران سەھىيە مىنىستىرى بەھرام ئەينۇللاھى ھۆكۈمەتكە ھاۋا تېمپېراتۇراسى 40 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن رايونلاردا دەم ئېلىش ئېلان قىلىش تەكلىپى سۇنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر