تايلاندتا بىر ئېتىلااق ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، توققۇز كىشى قازا قىلدى

تايلاندتا بىر ئېتىلداق ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، 115 كىشى يارىلاندى.

2017713
تايلاندتا بىر ئېتىلااق ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، توققۇز كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى ناراتىۋاس ئۆلكىسىدە بىر ئېتىلداق ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى.

ئالاقىدار تارماقلار دەسلەپكى ئېنىقلاشقا ئاساسلانغاندا، توققۇز كىشىنىڭ پارتلاشتا قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ناراتىۋاس ۋالىيسى سانان پوڭكاسورن دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، پارتلاشتا 115 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامبار ئەتراپىدىكى 100 گە يېقىن تۇرالغۇنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە رايوندا ياشايدىغان 500 دىن 800 گىچە كىشىنىڭ باشقا يەرگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ ئىسكىلاتتىكى قۇرۇلۇشتا تۆمۈر كەپشەرلىنىۋاتقاندا چاچرىغان ئۇچقۇننىڭ پارتلاتقۇچلارغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر